ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پ ي د ۋە دائېش تېررورسىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئافرىنغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان تۈركىيە ئارمىيەسىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

894754
ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا تېلېۋىزىيە يىغىنى ئارقىلىق تۈركىيە باش ئىشتابى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتابىدىكى قوماندانلاردىن، 2 – ئارمىيە قومانداننى گېنېرال ئىسمائىل مەتىندىن «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

ئەردوغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پىلان بويىچە كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەربىيلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان تۈركىيە ئارمىيەسى مەنسۇپلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

كېيىنچە خاتاي ۋالىيسى ئەردال ئاتا، شانلىئۇرفا ۋالىيسى ئابدۇللاھ ئەرىن، كىلىس ۋالىيسى مەھمەت تەكىنئارسلان ۋە گازىئانتەپ ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايادىن مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر