ئامېرىكا ئافرىن مەسىلىسىدە ئارقىغا داجىدى
تۈركىيەنىڭ ئافرىنغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكىتىگە ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى جاكارلاندى.
![ئامېرىكا ئافرىن مەسىلىسىدە ئارقىغا داجىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2010/9bbb/e1aa/59f346a1e983e.jpg?time=1718831386)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش ئارمىيە باياناتچىسى رىيان دىللون بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ئافرىنغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكىتىگە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان ژۇرنالېست ۋىلادىمىر ۋىلگېنبورگ ئۆزىنىڭ ئافرىن مەسلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا ئىتتىپاقداش ئارمىيە باياناتچىسى رىيان دىللوننىڭ «ئافرىن ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق بارلىق مەسئۇللار ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د بىلەن قۇرۇشنى پىلانلىغان تېررورلۇق قىسىملىرىنىڭ بېشىنى يەنچىپ تاشلايدىغانلىقىنى، دەسلەپكى قەدەمنىڭ ئافرىن بولىدىغانلىقىنى بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلماقتا ئىدى.
ئافرىننىڭ شەرقىدىكى ئازەز رايونى تۈركىيە ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتىرللۇقىدا تۇرماقتا. جەنۇبىدىكى ئىدلىبتە بولسا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرى بار.
ئامېرىكىنىڭ يارىدىمى بىلەن 911 كېلومېتىرلىق تۈركىيە چېگراسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ي پ گ تېررورچىلىرى ئىشغال قىلىپ، قۇرۇپ چىققان تېررورلۇق كارىدورىنى تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن پاچاقلاپ تاشلىغان ئىدى.
جەرابلۇس – ئازەز لىنىيەسىنى 2016 – يىلى كۈزدە قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا دائېش ۋە ي پ گ تېرورچىلىرىدىن تازىلىغان تۈركىيە ئارمىيەسى، 2017 – فېۋرالدا بولسا، ئەلبابنى قۇتقۇزۇپ بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىققان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718831386)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718831386)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.