ئەردوغان ئافرىنغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

887957
ئەردوغان ئافرىنغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ توقات ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىنشائاللاھ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن تۇنجى قەدىمى تاشلانغان جەنۇبىي چېگرالىرىمىزنى تېررورلۇقتىن تازىلاش ھەرىكىتىمىزنى ئافرىندا داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن كۈتىدىغانلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، «بۇ جەرياندا ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىمىز، ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە مۇناسىۋەتلەرنىڭ رۇھىغا ئۇيغۇن پوزىتسيە تۇتىشىدۇر. ئۈلگىلىك ئورتاقلىق، دوستلۇق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ زادى قانچىلىك راس ياكى يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېدى.

«ھازىر ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان چاغ» دېگەن ئوردوغان، «بىز پۈتۈن بولۇپ ئۆتكەن شۇنچە نۇرغۇن ئىشلارغا قارىماستىن، رايوندا ئامېرىكا بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بارلىقىغا ئىشىنىمىز. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى. 

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇلاردىن تۈركىيەنىڭ قانۇلۇق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنى كۈتىمىز. بىز دوستلىرىمىزدىن دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق مەسلىسىگە ئايلانغان بۇ سەزگۈر، ئىنچىكە مەسىلىدە ئۆزلىرىگە يارىشىملىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتىمىز. ئافرىن ھەرىكىتى جەريانىدا، بۇ كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوخشاش سەپتە ئورۇن ئېلىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ توقات ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدىكى سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋىشىنىڭ مىللەتكە ۋە ئۈممەتكە قىلغان خىيانىتىنىڭ بەدىلىنى ئىنتايىن ئېغىر ئۆتەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: «پېنسىلۋانىيەدىكى ساختىپەز خۇسۇسىي ھەۋىسى ئۈچۈن ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۆھتان ۋە مەخپىيلىكنى گويا مۇقەددەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭى بىر ئېتىقاد، يېڭى بىر دىن ئىجاد قىلىپ چىقتى. بەزىلەر بىر دوللارغا، يەنە بەزىلەر 50 مىڭ دوللارغا رۇھىنى ساتقان بۇ تەشكىلات ئەزالىرى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزمەيدىغان ھېچ بىر گۇناھ ۋە خىيانەت يوقتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر