بىنالى يىلدىرىم تېررورچىلارنى قوللاۋاتقان كۈچلەرگە ئېغىر سۆز قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «تۈركىيەنىڭ ۋە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەيلى قەيەردىن تەھدىت كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىمىز» دېدى.

887697
بىنالى يىلدىرىم تېررورچىلارنى قوللاۋاتقان كۈچلەرگە ئېغىر سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى باش ۋەكىلى قوشۇمچە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزماقچى بولغانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ ئاقساراي 6 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا تۈنۈگۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «تۈركىيەگە قىلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارغا، مەيلى دۆلەت ئىچى ۋە مەيلى سىرتىدىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تېگىشلىك جاۋابى بېرىلىدۇ» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇقنى تۈركىيەنىڭ كۈتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي يۇقۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېررورلۇقنىڭ ئارقىسىدا قاراڭغۇ پىلانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەگە دۈشمەنلىك قىلماقچى بولغانلارنىڭ خىياللىرىنىڭ چوقۇم سۇغا چېلىشىدىغانلىقىنى ۋە چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ قوسىقىدا قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «سۈرىيەدە تېررورلۇقنىڭ مۇئەسسەلىشىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز. تۈركىيەنىڭ ۋە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەيلى قەيەردىن تەھدىت كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىمىز» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى جىكىلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ خاتىرجەملىكى، تۈركىيەنىڭ تىنچلىقى دېگەنلىك، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، سۈرىيەنىڭ، ئىراقنىڭ ۋە پۈتۈن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ھەم قېرىنداشلىقىدۇر، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ يولى دوستلۇقتۇر. ئەنقەرە قانچىلىق بىخەتەر بولسا، نىيۇ يوركمۇ، پارىژمۇ، لوندونمۇ يەنە شۇنچىلىك خاتىرىجەملىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. چۈنكى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق چېگرا تونىمايدۇ. تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ھەرىكەت قوزغىماقچى بولۇۋاتقانلار بار. سۈرىيەدىكى پ ي د، ي پ گ ۋە پ ك ك قاتارلىقلارغا يارىدەم قىلىۋاتقان ئىمپېرىيالىستلار بۇ رايوندا كۆز يېشىنىڭ ۋە دەرت – ئەلەملەرنىڭ ئاخىرىلىشىشىنى خالىمايدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۆز دۆلىتىدە ئورۇن بېرىۋاتقلانلار بۇ خاتالىقنى بالدۇرراق تاشلىشى ۋە كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىشى لازىم»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر