چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر...

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

887528
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە «ئىتتىپاقداش بىر دۆلەتكە ياراشمايدىغان پوزىتسىيە» دەپ بېرىپ، «ئېنېرگىيەمىزنى بۇ ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقىمىز لازىم» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭمۇ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ئامېرىكىدىكى كۈنلۈك ۋەقەلەر ۋە ھۇجۇملارغا قارىغىنىمىزدا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ تولۇق خاتىرجەملىك ئىچىدە دۆلەتلىرىگە قايتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «بۇ يىلمۇ ئامېرىكىدىن ساياھەتچى بولۇپ بېرىشنى خالايدىغانلار سانىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بار. ئورۇن ئايرىتىۋاتقانلارنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى توختاتماقچى بولدىمۇ نېمە، ئۇنى چۈشىنەلمىدۇق، ئەمما، تىللېرسون بىلەن كۆرۈشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر