تۈركىيە ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلغان ياردىمى تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

885926
تۈركىيە ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورللۇق تەشكلاىتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د غا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا، تۈركىيە دىپلوماتىك نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى فلىپ كوسنېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن «شىمالىي قىسىم» دەپ ئاتىلىدىغان ئاتالمىش تەشكلاتقا قوراللىق تەلىم - تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىغا قارىتا، تۈركىيە ھېس قىلىۋاتقان بىئاراملىقلار يەتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن تەلىم – تەربىيە بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش قىسىملارنىڭ %70 نىڭ دېگۈدەك پ ك ك/ پ ي د ئەزاسى تېررورچىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى راققە ۋە دېرۇز زۇر ھەرىكەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك مەغلۇب قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، ھېلىھەممۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د غا قىلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسېف ۋوتېل 2017 – يىلى 22 – دېكابىردا دائېشنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن سۈرىيەدە چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى قۇرىدىغانلىقلىرىنى  ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترىلىقى ۋە مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د نىڭ قاندىل قانىتىغا قاراشلىق 400 تېررورچىغا بېرىۋاتقان قوراللىق تەلىم – تەربىيەنى تاماملىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر