ئەردوغان: ئامېرىكا تۈركىيەدە سىياسىي تۈزۈم ئاغدۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

884726
ئەردوغان: ئامېرىكا تۈركىيەدە سىياسىي تۈزۈم ئاغدۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ئامېرىكادىكى قانۇن شەرمەندىچىكىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئاتالمىش ئېمبارگو دېلوسى ئۈستىدە توختىلىپ، «2016 – يىلىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەنلەر ئەمدىلىكتە باشقىچە بىر ئاغدۇرۇش يولىنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ھازىر ئامېرىكادىكى مەزكۇر دېلو مانا شۇنداق سىياسي تۈزۈم ئاغدۇرۇش ھۇجۇمىنىڭ ئادرېسىدۇر» دېدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە مەركىزىي ئىسىخبارت ئىدارىسى «CIA» ھەمدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» ئارقىلىق بۇلۇڭغا قىستاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇنداق ئويۇننىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلماقچى بولغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئالدىنقى يىلى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن تاشلىغان قەدىمىمىزنى ئافرىن ۋە مۈنبىچتىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، ئاندىن بارلىق چېگرا بويىمىزنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىمىزنى ئىنشائاللاھ تاماملايمىز» دېدى. 

ئۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 15 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم كۈچلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇ كۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە كۆرەلمەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چىدىماي، پارتلاپ، يېرىلىپ كەتسىڭىزمۇ، بىز بۇ يولدا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇىمىز. دېمىسىمۇ بىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكىمىز دەپ بىلگەن دوستلىرىمىز (يەنى ئامېرىكا) بىزنىڭ چېگرايىمىز بويىدىكى 911 كىلومېتىر سۈرىيە رايونى بىلەن 50 كىلومېتىرلىق ئىراق چېگرايىمىز بويىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ھەر تۈرلۈك قوراللارنى ياردەم قىلماقتا. شۇنداق ئىكەن بىز ئۇلار بىلەن ئەمدى نېمىنى سۆزلەشكۈدەكمىز؟» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر