ئەردوغان فىرانسىيەدە ئوسمانلى خانىدانلىقى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭمۇ زىيارىتىنى ئايرىم ئايرىم قوبۇل قىلدى.
![ئەردوغان فىرانسىيەدە ئوسمانلى خانىدانلىقى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4524/aa43/bc3d/5a506b063228b.jpg?time=1718829824)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيەدىكى رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، پارىژدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى.
ئەردوغان فىرانسىيەدە ياشايدىغان ئوسمانلى خانىدانلىقى ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنى ئەلچىخانىدا قوبۇل قىلدى.
ئاندىن فىرانسىيە - تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى سىتىپان تېست، فىرانسىيە پالاتاسى تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى جوساين كوستېس ۋە فىرانسىيەنىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى قوشۇمچە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى راچىدا داتىنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭمۇ زىيارىتىنى ئايرىم ئايرىم قوبۇل قىلدى.
ئەلچىخانىدىكى بۇ ئۇچرىشىشلار ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئەردوغان پارىژدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا كىرىش جەريانىدا ئەتراپقا توپلاشقان ۋەتەنداشلارنىڭ قىزغىن سۆيگۈ ئىزھارى بىلەن قارشى ئېلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718829824)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718829824)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.