تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ قۇددۇسنىڭ بەزى رايونلىرىدىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن «80 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى شەرت بولغان قانۇن لايىھەسى» نى قوبۇل قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

882187
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قۇددۇسنىڭ بەزى رايونلىرىدىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن 80 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى شەرت بولىدىغان ۋە ئايرىم تېمىنىڭ باشقا تەرىپىدە بەزى پەلەستىن مەھەللىلىرىنى ئىسىرائىلىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئايرىم يەرلىك ھۆكۈمەت بولۇپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلغان قانۇن لايىھەسىنى، ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ قوبۇل قىلىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ تاشلىغان بۇ قەدىمىنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ قانۇنسىز قەدەملىرىنىڭ 2017-يىل 13-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى بىلەن، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 10-ۋە 19-نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنىشىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئاساسىغا زىيان سالىدىغان ۋە رايونلۇق تىنچلىق بىلەن مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان قەدەم ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن تاشلانغان بۇ قانۇنسىز قەدەملەرنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇددۇسنىڭ تارىخى ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىرادىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ قەدەملىرىنى خەتەرلىك دەپ قارايمىز ۋە قەتئىي رەت قىلىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر