ئەردوغان تېررورچىلارغا قەتئىي ئىچ ئاغرىتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تېررەرچىلارغا ھەرگىز رەھىم قىلمايمىز. رەھىم قىلساق، ئۆزىمىز ئىچ ئاغرىتىشقا موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالىمىز» دېدى.

881470
ئەردوغان تېررورچىلارغا قەتئىي ئىچ ئاغرىتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي ئىرادىنى تەكىتلەپ،  تېررورچىلارغا قەتئىي رەھىم قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل سارىيەر ناھىيەلىك شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە پارتىيە بىناسىنىڭ بالكونىدىن سىرتتا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان خەلققە خىتاب قىلدى.

ئەردوغان بىرلىك ۋە باراۋرەلىكىنى جىكىلەش بىلەن بىرگە، بىر مىللەت، بىر بايراق، بىر ۋەتەن ۋە بىر دۆلەت قارىشىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى. خەلقنىڭ بارلىق تەبىقىلىرى بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن بۇ مىللەتنى ھېچ كىشىنىڭ بۆلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنى بۆلۈشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان تېررورچىلارغا قارشى نەتىجىلىك كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئېغىر زەربە يېگەنلىكىنى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭمۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە قاچقانلىقىنى، ئالدىنقى يىلى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان بەزى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بولسا، قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان قانۇن دائىرىسى ئىچىدە بۈگۈنگە قەدەر كېرەكلىك بولغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە ئوخشاش داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ھەرگىز رەھىم قىلمايمىز. رەھىم قىلساق، ئۆزىمىز ئىچ ئاغرىتىشقا موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. شۇڭلاشقا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر