تۈركىيە: ئامېرىكا مەھكىمىسى ئەستايىدىللىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى يوقىتىپ قويدى

تۈركىيە، يالغان ۋە سىياسىي جەھەتتە سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئوچۇق ئامېرىكا مەھكىمىسىنىڭ ئەستايىدىللىق ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

881570
تۈركىيە: ئامېرىكا مەھكىمىسى ئەستايىدىللىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى يوقىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ناھەق ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلانغان خەلق بانكىسىنىڭ باش مۇدىر  ياردەمچىسى خاقان ئاتىللا دېلوسىنىڭ قانۇنىي ئاساستىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، «نيۇ يورك جەنۇبىي رايون تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەيىبلەش خاراكتېرلىك دېلودا، خەلق بانكىسى باش مۇدىر ياردەمچىسى مەھمەت خاقان ئاتىللانىڭ سوت كوللېگىيەسى تەرىپىدىن ئالتە تۈرلۈك جىنايەتنىڭ بەشىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى ناھەق ۋە ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشتۇر» دېيىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئامېرىكا مەھكىمىسى يالغان ۋە سىياسىي جەھەتتە سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئوچۇق ئاتالمىش پاكىتلارغا تايىنىپ ئېچىلغان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ئاساسسىز تەسەۋۋۇرلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بەس - مۇنازىرە قىلىنغان بۇ مۇساپىدە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇلدى » دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا تەرىپىدىن ماددىي ۋە ئارقا سەپ ياردىمى بېرىش ئارقىلىق بەزى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سوتلاش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەلىيەتتىن يىراق دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ۋە ساختا پاكىتلارنى سۇنۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە، سوتلاش مۇساپىسىنىڭ ئەستايىدىللىقىنى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقى تەكىتلەندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇ شەكلى بىلەن بىر قانۇن سەتچىلىكىگە ئايلانغان قارارنىڭ تۈزىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر