ئەردوغان يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدا، 2018 – يىلىدا ھەر تۈرلۈك كۈشكۈرتۈشلەرگە قارشى سەگەك بولۈش ۋە ئىچكى توقۇنۇش پەيدا قىلماقچى بولغانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىك لازىملىقىنى جىكىلىدى.

879137
ئەردوغان يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېلان قىلغان يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدا: «2018 – يىلىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىنتايىن زور ئىلگىرىلەشلەر بىزنى كۈتمەكتە» دېدى.

ئەردوغان يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئىنتايىن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلانغان 2017 – يىلىدا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر ھۇجۇملارغا دۇچ كەلدۇق. ئاللاھقا ھەمد بولسۇنكى، پاراسىتىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەجرىبە، ماھارىتى شۇنداقلا دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەممىنى مەغلۇپ قىلدۇق»

ئەردوغان 2019 – يىلى مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلاملار بىلەن يەنە شۇ يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزدىن دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھاياجانغا، نىشان، لايىھە ۋە ئېنېرگىيەگە ئىگە كىشىلىرىگە ئىگە چىقىشىنى ھەمدە ئۇلارغا يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھالقىلىق باسقۇچتا كۈشكۈرتۈشلەرگە قارشى سەگەك بولۈشىمىز، سىياسىي ھېسابلارنى دەپ، بىزنى بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشقا سالماقچى بولغانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز لازىم» دېدى. 

ئەردوغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «سودا – سانائەت ساھەيىمىزنىڭ ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى يىلى مەۋجۇت خىزمەتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بىر نىسبەت قوشۇش بىلەن بىز باشلىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكىنى ئالدىمىزدىكى يىلدا 2 نىسبەت قوشۇش بىلەن داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالدۇق. ئىنشائاللاھ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىغانغا قەدەر توختاۋسىز داۋاملىشىدۇ. بىز بۇ خىزمەت سەپەرۋەرلىكىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.      

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر