ئەردوغان: قۇددۇس بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇسنىڭ ھەم تۈركىيەنىڭ ھەم پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

873564
ئەردوغان: قۇددۇس بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز
arslan down sendromlu filistinli.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پىسخولوگىيەلىك ياردەم بېرىلىشى مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن دوۋن سىندرومى كېسىلى بار پەلەسىتنلىك ياش مۇھەممەد ئەتتاۋىل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ۋەجىھە، دادىسى خەلىل ئىبراھىم ئەتتاۋىلنى قوبۇل قىلدى ھەمدە سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. كېيىنچە مۇھەممەد ئەتتاۋىل بىلەن «رابىيە ئىشارىتى» قىلىپ چۈشكەن خاتىرە سۈرەتنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەربەھىرلىشىپ مۇنداق دېدى: «قۇددۇسلۇق مۇھەممەد قېرىندىشىم بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا بېرىدىغان سىگنالىمىز مۇنداق: قۇددۇس بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىزدۇر.»

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەد ئارسلامۇ پەلەسىتنلىك مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە سۆھبەت جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ پەلەسىتن داۋاسىغا سۈكۈت قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرىنى كۆرمەسكە سېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە پەقەت مۇھەممەد قېرىندىشىمىزغىلا ئەزىيەت يەتكۈزمىدى، ئەر – ئايال، نارىسىدە بالا، ياشانغان كىشى دېمەستىن ھەممىگە زۇلۇم سالدى ۋە سالماقتا. تۈركىيە خەلقى ھەمىشە پەلەسىتن خەلقىنىı يېنىدا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ 6 – دېكابىر كۈنى قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، پەلەسىتنلىكلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى  ۋە غەززە چېگراسىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى جەريانىدا يۈزلەرچە كىشى يارىلانغانىدى.

مۇھەممەد ئەتتاۋىلمۇ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر