تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

861456
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ب د ت نىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇددۇسنىڭ دىنىي ۋە تارىخىي سالاھىيىتىگە، خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ۋە ب د ت ھۆججەتلىرىگە پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇنداق بىر قەدەم ئەسلىدىنلا سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە زەربە بېرىپ، يېڭى سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. قۇددۇس ۋە ھەرەم شەرىفنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر