تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە ۋىزىسىز بارىدىغان بولىشى يېقىندەك قىلىدۇ

4 مىنىستىر ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول خەرىتىسىنى بەلگىلەپ چىقتى.

860210
تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە ۋىزىسىز بارىدىغان بولىشى يېقىندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش قارارى ئالدى.

ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن 7 شەرتنى ئۇرۇنداش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر بەلگىلەپ چىقىلدى.

تۈركىيەنىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈل ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بەلگىلەپ چىقىلدى.

مىنىستىرلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنۇلىدىغان پوزىتسىيە باياننامىسى جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. 

مەزكۇر پوزىتسىيە باياننامىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقىغا سۇنىلىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قېيىن شەرت تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ، باشقا شەرتلەر ئارىسىدا، بىئوئىستاتىتېكىلىق مەلۇمات كىرگۈزۈلگەن پاسپورت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ساقچى تەشكىلاتى «Europol» بىلەن ئورتاق ھەرىكەت ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزۈش قاتارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئەردوغان 4 مىنىستىر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن يول خەرىتىسىنى تەستىقلىغان تەقدىردە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۇۋۇشئوغلۇ پوزىتسىيە باياننامىسىنى 12 - دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر