ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە زىيارىتىنىڭ ۋاقتى ئېنىق بولدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-8-دېكابىر كۈنلىرى ئارىسىدا گىرېتسىيەنى رەسمىي زىيارەت قىلىدۇ.

856778
ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە زىيارىتىنىڭ ۋاقتى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاكان چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 7-8-دېكابىر كۈنلىرى ئارىسىدا گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئارىدىن 65 يىل ئۆتكەندە گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئارىدىن 65 يىل ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ، بۇ زىيارەتنى نۇرغۇنلىغان مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر