تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن بولدى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى توغرۇلۇق بەرگەن قارارىدىن خۇرسەن بولدى.

853904
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىشىدىن مەمنۇن بولدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا  پارلامېنتىنىڭ بۇ  قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىمىز.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا پارلامېنتى تەشكلىي ھەيئەت كېڭىشىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ دۆلىتىمىزگە قارشى تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا تەكلىپ قىلىنماسلىقىنى،  ياۋروپا پارلامېنتىغا كىرىشىنى چەكلەشنى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا يېقىن جايدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق، بۇ قارار تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش نۇقتىسىدىن تاشلانغان ئىجابىي قەدەمدۇر. ياۋروپا  پارلامېنتىنىڭ بۇ  قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر