تۈركىيە خەۋپ ئاستىدىكى رۇسىيە پاراخوتىدىن 6 خادىمنى قۇتقازدى

تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان رۇسىيە پاراخوتى خادىملىرى بارتىن پورتىغا ئېلىپ كېلىندى.

851910
تۈركىيە خەۋپ ئاستىدىكى رۇسىيە پاراخوتىدىن 6 خادىمنى قۇتقازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا دېڭىز تەۋەلىكىدە خەۋپ ئىچىدە قالغان رۇسىيە پاراخوتىدىن 6 خادىم قۇتقۇزۇۋىلىندى

رۇسىيەنىڭ روستوۋ پورتىدىن تۆمۈر يۈكلەپ يولغا چىققان «Nefterodoz 29» ناملىق پاراخوت تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىگە بىر دېڭىز مىلى يىراقلىتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە شىددەتلىك بوران تۈپەيلىدىن كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ خەۋپ ئاستىدا قالدى.

پاراخوت خادىملىرى ياردەم سىگنالى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىقىغا تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان 6 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرىنى قوتقۇزۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان 6 كىشى بارتىن پورتىغا ئېلىپ كېلىندى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر