تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچراشتى
3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يېغىن تەييارلىقى ئۈچۈن ئانتاليادا بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە 22 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە مەسلىسىگە دائىر 3 تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، رۇسىيەلىك ۋە ئىرانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن ئانتاليادا بىر يەرگە جەم بولدى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىرانلىق مەنسەپدىشى جەۋاد زەرىف بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى.
سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە مەسلىسىگە دائىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن ئانتاليادا كۈرۈشكەن 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنغا يول خەرىتىسى تۈزۈپ چىقماقچى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.