تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دىيارباكىردا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

849508
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ھازرو ناھىيەسىدە يول تەكشۈرۈش ۋە ئاختۇرۇش نۇقتىسىدا تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 – ئۆكتەبىردە بىر ئەسكەر شېھىت بولغان ۋەقەگە قاتناشقان تېررورچى تانىش مەمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، ئۇلار بىلەن تىل بېرىكتۈرگەن بىر كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە كالاشنىكوف ماركىلىق ئىككى ئاپتومات، 8 ئوقدان، 240 پاي ئوق، تاپانچا ۋە قول بومبىسى قولغا چۈشۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك، ئاۋاشىن – باسيان ۋە زاپ رايونلىرىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لاگېرلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تەشكىلاتنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئۆڭكۈرلىرى، ئىستىھكاملىرى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى يوقىتىپ تاشلاندى.

ھاۋا ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئايروپىلانلار بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر