تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورىستلارغا ئېغىر زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىرناق رايونىدا ئېلىپ بارغان بومباردىمانى داۋامىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان 4 قوراللىق پ ك ك لىق تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.
848329
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىرناقتا رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورىستلار بومباردىمان قىلىنغان، بومباردىماندا 4 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.