يىلدىرىم: ئامېرىكا زىيارىتىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

845310
يىلدىرىم: ئامېرىكا زىيارىتىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركيىكى باش كونسۇلخانىسىدا تۈرك ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، ئارقىدىن ئەييۇب سۇلتان جامەسىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ يەردە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن يىلدىرىم، زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەم رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. پىرىنسىپ جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى قارار قىلدۇق. زىيارەت جەريانىدا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس بىلەنمۇ كۆرۈشتۈق. ئۇچرىشىشتا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، سۈرىيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى، مەسىلىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي ساھەلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار، مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ  ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدۇق. ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكىدىكى تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قارىتا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى توغرا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.»

ئىگىلىنىشىچە، باش مىنىستىر يىلدىرىم «جان» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر