تۈركىيە ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى چەكلىك قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كونسۇلخانىلارنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى چەكلىك سەۋىيەدە قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

842009
تۈركىيە ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى چەكلىك قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى چەكلىك سەۋىيەدە قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توغرىدا باسقان قەدىمىدىن كېيىن، تۈركىيە كونسۇلخانىلىرىمۇ ۋىزا خىزمىتىنى چەكلىك سەۋىيەدە قايتىدىن باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئەنقەرەدىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىدا ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى چەكلىك قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىغا،  باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ 7-نويابىردىكى ئامېرىكا زىيارىتىدىن بۇرۇن ئېلىنغان «ئىجابىي قارار» دەپ باھا بېرىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسى، ئۆتكەن ئاي (ئۆكتەبىر) ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قولغا ئېلىنىشى سەۋەبىدىن پارتلىغان ئىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 8-ئۆكتەبىر تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى توڭلاتقان ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا مىسلى بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر