ئەردوغان ئامېرىكان تۈرك كېڭىشى ۋە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكان تۈرك كېڭىشى ۋە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى.

833668
ئەردوغان ئامېرىكان تۈرك كېڭىشى ۋە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكان تۈرك كېڭىشى ۋە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتىنى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە قوبۇل قىلدى. كۆرۈشۈش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە بولدى ۋە تەخمىنەن بىر سائەت داۋام قىلدى.

كۆرۈشۈشتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ئۆمەر چەلىك، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىسى ئىسمائىل دەمىر ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاتارلىقلار بىرگە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر