تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورىستلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 4 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

831195
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورىستلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسى بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي ئىراقتىكى چېگرا رايونلىرىمىزغا ۋە قاراۋۇلخانىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك مەنسۇپلىرىغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، بۇ جەرياندا 4 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، بازىلىرىغا بىخەتەر ھالدا قايتقان.

باش ئىشتاب باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 12 – 18 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى پ ك ك نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىككىسى كاتتىبېشى بولۇپ، جەمئىي 45 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر