تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىلىرىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونىدىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 نەپەر ئەزاسىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، تېررورچىلارنىڭ، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان بىر ئايروپىلان ئاتار قورالىمۇ يوقىتىپ تاشلاندى.
ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.