ئەردوغان پولشاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پولشالىق مەنسەپدېشى ئاندرزېج دۇدانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پولشاغا كەتتى.
828522
![ئەردوغان پولشاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/769a/6f8a/93d9/59e5ac277709b.jpg?time=1718886621)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مەنسەپدېشى دۇدا بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ. پولشا باش مىنىستىرى بېئاتا سزىيدلو ۋە پولشا پارلامېنتىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
زىيارەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەر خىل ساھەلەر بويىچە كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ كۈتۈلمەكتە.
تۈركىيە 600 يىلدىن ئارتۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان، 2009 – يىلىدىن بۇيان مۇناسىۋەتلەرنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن ئىتتىپاقدىشى پولشا بىلەن ھەمكارلىقلارنى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718886621)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.