تۈركىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتىكى چارلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان كۆزىتىش ئورۇنلىرىنى بېكىتىپ چىقىش مەقسەتلىك چارلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش مەقسىتىدە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان «سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە كونترول قىلىش قىسىملىرى» سېپىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى، ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش رايونىنى كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى 8 – ئۆكتەبىردە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
تۈركىيە ئىدلىبنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا، رۇسىيە ئەسكەرلىرى سىرتقى قىسمىدا كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايونغا كىرىشى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش، ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ۋە كىرىزىسنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا مۇۋاپىق زېمىن ھازىرلاش قاتارلىقلارنى نىشان قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.