تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختىدە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بازىسى قۇردى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشودا ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيە بازىسىنى قۇردى.

820346
تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختىدە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بازىسى قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە ئارمىيەسىدىن 200 ئوفىتسېر ياتاق، مەشق ساھەلىرى ۋە تۈرمىلەرمۇ جايلاشقان بازىدا 20 مىڭ سومالى ئەسكىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەششەباب ئىسيانچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سومالى ئارمىيەسىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 22 مىڭ كىشدىن تەشكىل تاپقان تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنى كېلەر يىلى سومالىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر