تۈركىيە: بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىمىزنى ئېلان قىلماستىنلا تاشلايمىز

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، فىرانسىيەدىكى ئۈچ نەپىرى تۈرك بولۇپ جەمئىي 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

818976
تۈركىيە: بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىمىزنى ئېلان قىلماستىنلا تاشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەكىر بوزداغ ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فىرانسۇز ئەمەلدارلارنى ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنى تېپىپ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا چاقىردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىرقچىلىق، ئايرىمىچىلىق ، چەت ئەللىكلەرنى يامان كۆرۈش دېگەندەك دەۋرىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان، ھەممىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ئازابلىق ھادىسىلەر بىزگە كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدەك ئازابلىق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوزداغ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىران ۋە ئىراق بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارىتا تاشلايدىغان قەدەملىرىمىزدە خەلقئارا قانۇنغا ماس بولۇش ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرى نەزەرگە ئېلىنىدۇ. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان خاتالىقىدىن قايتقۇچە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىمىزنى ئېلان قىلماستىنلا تاشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر