ئەردوغان: تۈركىيە ھەر قانداق قەدەمنى تاشلاشقا تەييار

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ يېڭى خىزمەت يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىپ، مۇھىم سۆز قىلدى.

818007
ئەردوغان: تۈركىيە ھەر قانداق قەدەمنى تاشلاشقا تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 25 – سېنتەبىردە قانۇنسىز رەۋىشتە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارىتا ھەر قانداق قەدەمنى تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ يېڭى خىزمەت يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىپ، مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خولۇسى ئاقارنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىرانغا كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ 4 – ئۆكتەبىردە ئىراندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئەردوغاننىڭ «بىز ھەر دائىم ھەر ئىشقا تەييار تۇرايلى، بىزغۇ تەييار» دېگەن سۆزلىرىگە زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان قوماندانلارنىڭ «بىز تەييار» دەپ جاۋاب قايتۇرۇشى دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر