تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال ئىستىھكامى، پاناھلىنىش ئورنى، قورال ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

818239
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن شىمالىي ئىراقنىڭ زاپ رايونىدىكى پ ك ك لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى؛ ھەرىكەت ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارنىڭ قورال ئىستىھكامى، پاناھلىنىش ئورنى، قورال ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى ئۇتۇقلۇق يوقىتىپ تاشلىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.

بۇ جەرياندا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 49 ى ئۆلۈك بولۇپ، جەمئىي 68 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر