«تېررورلۇق تەشكىلاتى يىمىرىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىۋاتقانلار سانىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

816128
«تېررورلۇق تەشكىلاتى يىمىرىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، تەشكىلاتنىڭ يىمىرىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە 68 مىڭ 464 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا، 25 مىڭى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا، 2109 ى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلدى.»

تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر سانىنىڭ 3 مىليون 200 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سويلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇنىڭدىن 330 مىڭ 744 ى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشىماقتا. ئەمما دۆلىتىمىزگە كېلىۋاتقانلار پەقەت سۈرىيەلىكلەرلا ئەمەس. بولۇپمۇ ئىراقتىن 250 مىڭ ئەتراپىدا، ئىران، پاكىستان، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۈركىيەدە تەخمىنەن 4.5 مىليون ئەتراپىدا كۆچمەن بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر