ئەردوغان شىمالىي ئىراققا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

814651
ئەردوغان شىمالىي ئىراققا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان قانۇنسىز ھالدا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزگەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە «بىر كېچىسى تۇيۇقسىز كېلىشىمىز مۇمكىن» تەرىقىسىدە سىگنال بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. نۆۋەتتە قوراللىق قىسىملىرىمىز سىلوپىدە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ. بۇ قەدەملەر بىكارغا تاشلىنىۋاتقىنى يوق. قىسىملىرىمىزنىڭ نۆۋەتتە چېگرا ئېغىزلىرىدىن پەقەت ئىراق تەرەپكىلا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەپتە ئىچىدە بۇ ھەقتە ئېلىنغان باشقا تەدبىرلەرنىمۇ ئېلان قىلىمىز.  ئەمدى چېگرا ئېغىزلىرىدىن كىرىش – چىقىشلار تاقىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى نېفىتىنى قايسى قاناللاردىن قەيەرگە يۆتكەيدىكىن؟  كلاپان بىزدە. دەرۋەقە، كلاپاننى تاقىغىنىمىزدا بارزانى ھۆكۈمىتىمۇ تۈگۈشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر