تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا يەنە نۇرغۇن ھەربىي لازىمەتلىك ئەۋەتتى

تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا يەنە ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ئەۋەتتى.

814337
تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا يەنە نۇرغۇن ھەربىي لازىمەتلىك ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتىۋاتقان ھەربىي قىسىملارغا ئەۋەتىلگەن ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ھاتاي ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلدى.

تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ۋىلايەتلىرىدىكى ھەربىي قىسىملاردىن پويىز ئارقىلىق توشۇلغان ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە سىنگال ئۈزگۈچلەر بولۇپ نۇرغۇن ھەربىي لازىمەتلىكلەر ھاتاينىڭ ئەسكەندەرۇن ئىستانسىسىغا ئېلىپ كېلىندى.

ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ۋاگونلاردىن چۈشۈرۈلگەن ئاپتوموبىل ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارغا ئەۋەتىپ بېرىلىش ئۈچۈن ئەھمەت تور ھەربىي گازارمىسىغا يۆتكەلدى.

ئارقىدىن ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەربىي قىسىملارغا ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر