تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان غارە رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان غارە رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى ۋە قورال، ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تۈنۈگۈن غارە رايونىدىكى پ ك ك لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارنىڭ ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى ۋە قورال، ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.