ئەردوغاننىڭ قازاقىستان زىيارىتى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «ئەردوغاننىڭ قازاقىستان زىيارىتى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

811465
ئەردوغاننىڭ قازاقىستان زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىندا قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ زىيارەت توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «ئەردوغاننىڭ قازاقىستان زىيارىتى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8 – سېنتەبىردە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 1 – نۆۋەتلىك پەن – تېخنولوگىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە قازاقىستانغا باردى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىندىن ئىلگىرى قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىق ۋە سېلىنمىلارنى ئاشۇرۇش دېگەندەك تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى كۈچلۈك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت. تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر يەتكەن يۈكسەك پەللە بىلەن تەڭ، قازاقىستان تۈركىيەنىڭ ياۋرو - ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سالاھىيەت، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ 2009 – يىلىدىكى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك كېلىشىمى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قېرىنداشلىق بىلەن بىرلىكتە، «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك» سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلدى. قازاقىستان - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچلۈك جانلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. بۇنداق بولۇشىدا، قازاقىستاننىڭ تاشقى سىياسەتتە تېخىمۇ ئاكتىپلىشىشقا باشلىغانلىقى ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت ئەزالىقى دېگەندەك ۋەزىپىلىرىنىڭمۇ رولى بار.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك كېڭىشى، مەركىزى ئەزەربەيجاندىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى، مەركىزى قازاقىستانغا جايلاشقان خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى ۋە مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى – تۈركسوي دېگەندەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار مەدەنىي ۋە سىياسىي ساھەدە ئەزا ئەللەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەشكىلىي رامكا ئىچىدە مۇستەھكەملىمەكتە. قازاقىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كۈچلۈك ھەربىي مۇناسىۋەت ۋە مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە ھەمكارلىق بار. تۈركىيە، قازاقىستان ئارمىيەسىگە ئوفىتسېر يېتىشتۈرۈشتە كۈچلۈك ياردەم قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلىرى قازاقىستاننىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا. بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى «قازاقىستان – ئاسەلسان» زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىشىمۇ ھەربىي ساھەدە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى بىر قانچە مىليون دوللار بىلەن باشلىغان سودا مۇناسىۋەتلىرى نۆۋەتتە 4 مىليارد دوللار سەۋىيەسىگە يەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، بۇنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشانى. بۇ نىشاننىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسۇقلارنىڭ بىرى، قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا بىۋاسىتە توشۇمىچىلىق يولىنىڭ بولماسلىقىدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پىلانلانغان تەڭداش يول ۋە پىكىرلەر روياپقا چىقىرىلغان تەقدىردە، سودا مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا بايانات بېرىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سودا ھەجمىنىڭ 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دائىرىدە ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، «ئورتاق لايىھە ھەرىكەت پىلانى»، «يېڭى ھەمكارلىق – ئورتاق ئىقتىسادىي پىلانى»، «2017 – 2020 – يىللار ئارىسى ھەرىكەت پىلانى كېلىشىمى»، «تۈركىيە – قازاقىستان بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى ئونىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى كېلىشىمى» دېگەندەك ئەھدىنامىلەر تۈزۈلدى. تۈركىيە ۋە قازاقىستان شىركەتلىرى ئارىسىدا 600 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەر خىل كېلىشىملەر ئىمزالاندى. 8 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ توشۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «دۆلەتلىرىمىز ھازىرمۇ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسى تەرەققىي قىلغان، ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئۆتكەل دۆلەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ. بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيە تەرەپنى قازاقىستاننىڭ توشۇمىچىلىق ئىمكانىيەتلىرىنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە شەرقنىڭ ئەڭ غەربىگە، غەربنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاسىيا بىلەن ياۋروپاغا بىۋاسىتە ئېچىلغان بىر ئىشىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. قازاقىستان بولسا، ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋە رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئوخشاش ئىككى كۈچلۈك دۆلەت بىلەن ئورتاق چېگرالىرى بار. قازاقىستان تۈركىيەنىڭ پەرقلىق بازارلارغا تېخىمۇ ئەركىن كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا قاتناش كارىدورلىرىنىڭ ئېچىلىشى ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى ھەم رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئىككى ئايرىم دۆلەت، بىراق بىر مىللەتتۇر؛ ئەردوغان بىلەن نەزەربايېۋ ئىككى دۆلەت شۇنداقلا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر ئامەتتۇر. بۇلار خەلقنىڭ ئارىسىدىن چىققان، خەلق بىلەن كۈلپەتلەرنى تەڭ تارتقان ئەربابلاردۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئېھتىياج ۋە ئۈمىدلىرىنى ئەڭ توغرا تەھلىل قىلىپ، پائال چارىلەرنى تېپىپ چىقىشىدا پائال رول ئوينايدۇ. تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇقى كۈچىنى ئورتاق تارىخى ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىدىن ئالىدۇ. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تۈركىيە – قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر