تۈركىيە گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىشى ۋە تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

808555
تۈركىيە گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ، گېرمانىيەنى ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى پىرىنسىپال پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە بولۇشقا چاقىردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇماشتىلىرىنىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇ يەردە تېررورلۇق تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلۇشىنى ئەيىبلىدى.

گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىر نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقى «كۈچلۈك شەكىلدە» يەتكۈزۈلدى.

باياناتتا، فېستىۋال، دېگەن نام ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات پائالىيىتى ئەسناسىدا، گېرمانىيە بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، كاتتىبېشى ئۆجالاننىڭ رەسىملىرىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە پ ك ك نىڭ ھازىرقى كاتتىباشلىرىدىن بىرىنىڭ تېررورنى مەدھىيەلىگەن سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىغا كۆز يۇمۇلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «گېرمانىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى بۇ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى، تېررورىزمغا قارشى دۇنياۋى كۈرەش ئۈچۈن، ئەندىشە يارىتىدۇ» دېيىلدى ۋە گېرمانىيە ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر