پىروفېسسور ئەلى ئەرباش دىنىي ئىشلار باشقارمىسىغا باشلىق بولدى

يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش، دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

808440
پىروفېسسور ئەلى ئەرباش دىنىي ئىشلار باشقارمىسىغا باشلىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباشنىڭ دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارنامە، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش، 1961 – يىلى ئوردۇ ۋىلايىتىنىڭ كابادۈز ناھىيەسىگە قاراشلىق يېشىل يۇرت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، ساكاريا ئىمام – خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ تاكى ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ بولغۇچە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 1998 – يىلى دوتسېنتلىق، 2004 – يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىنچە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2011- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مائارىپ خىزمەتلىرى مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، مۇشۇ يىلى (2017) ئىيۇن ئېيىدا يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ، 4 پەرزەنتى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر