تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى ئاراكانلىقلارغا ياردەم قىلىشنى باشلىدى

بىرما ئارمىيەسى  25 – ئاۋغۇستا «قوراللىق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاراكانلىق پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندىن بۇيان مىڭلىغان مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

806307
تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى ئاراكانلىقلارغا ياردەم قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى باڭلادىشتا پاناھلىنىۋاتقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن باڭلادىش ھۆكۈمىتىدىن كېرەكلىك رۇخسەتلەرنى ئالدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى رۇخسەت ئېلىش بىلەن تەڭلا ئاراكانلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىشنى باشلىغان.

بىرما ئارمىيەسى 25–ئاۋغۇستتا «قورالىق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاراكانلىق پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندىن بۇيان مىڭلىغان مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بىرما ھۆكۈمىتى رايونغا كىرىپ-چىقىشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ تولۇق سانىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر