كۇرتۇلمۇش: 2018-يىل تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم يىل

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش 2018-يىلىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى ياخشى ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك يىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

806072
كۇرتۇلمۇش: 2018-يىل تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم يىل

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش خىتايدا ئېچىلغان ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) ۋە ئانادوالۇ ئاگېنتلىقىغا مۇھىم باياناتلارنى بەردى. ئۇ خىتايدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا خىتاي ساياھەت ساھەسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، خىتايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنلىرىنىڭ ئىنتاقيىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە بۇنداق يىغىنلارنى بەلگىلىك مۇددەتتە ئېچىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بۇ زىيارەت تولۇق مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلغان چوڭ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن داۋاملىق تىرىشىمىز. خىتايلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىمىزدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، خىتايمۇ تۈركىيەگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىدىكەن» دېدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىك سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى، ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئىرادىگە ۋە نىشانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە «نېمە ئۈچۈن تۈركىيەگە 2 مىليون ساياھەتچى بارمىغۇدەك» دەپ ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «بۇ يىغىننىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، ئىنشائاللاھ نەتىجىگە ئېرىشىدىغان بىر قاتار قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولۇر» دېدى.

نۇمان كۇرتۇلمۇش يىغىن جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ تۈركىيەدە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە خىتاي بىلەن بولغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە كۆپ پايدىىلق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدۇق، ئىنشائاللاھ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتايدا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشى مۇمكىن بولىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا، تۈركىيەدە كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، ھازىر بەزى ئۇنىۋېرستېتلاردا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلار بار، شۇڭا كونفېرانس ۋە خىتايلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار كۆپ پايدىلىق بولدى.»

ئۇ ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، يىغىنغا كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ساياھەتچىلىكتە قايسى ئىشلارنى قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرتۇلمۇش خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرەسىدە، ئەزەربەيجان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەبۈلفەز گارايەۋ بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە 1975-يىلى قۇرۇلغان ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى دۆلەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر