تۈركىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىۋاسىتە ئارىلىشىۋاتقان ۋە قويۇق دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

799981
تۈركىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ دائىرىدە تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ۋە ئاراكان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى كوفى ئاننا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

3 كۈن ئىچىدە 3 مىڭ مۇسۇلماننىڭ مىللەتچى بۇددىستلار تەرىپىدىن قەتل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ: «بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ قايا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرغىچە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمىز 70 مىليون دوللاردىن ئاشتى. 2 يىل بۇرۇنمۇ رامىزاندا مەزكۇر رايوندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان ئىدۇق. بىر قېتىم شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلغانىدۇق. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان رايون خۇددى دالا تۈرمىسىگىلا ئوخشايتتى.»

باڭلادېش ھۆكۈمىتىگىمۇ چاقىرىقتا بولغان چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «باڭلادېش دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارغا: <ئىشىكلىرىڭلارنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئېچىڭلار، قانچىلىك چىقىم كەتسە بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز> دەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر