تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيبىلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى ئەيىبلىدى.
797457
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 26 – ئاۋغۇستتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغان ئۈچ دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، «كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىشقا ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك كۈشكۈرتكۈچى ھەرىكەتتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.