چاۋۇشئوغلۇ تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

796397
چاۋۇشئوغلۇ تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ تېلېفوندى كۆرۈشتى. دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن (24-ئاۋغۇست) ئىراق پايتەختى باغدادتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جافەرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد ماسۇم، باش مىنىستىر ھايدار ئەلئىبادى، پارلامېنت باشلىقى سەلىم جۇبۇرى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئۇ ئەربىلدە شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتى مەسۇت بارزانى بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر