تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇۋىلىرىنى توپقا تۇتتى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 7 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

795991
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇۋىلىرىنى توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 7 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، تېررورچىلارنىڭ چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان بىر ئايروپىلان ئاتار قورالى ئىستىھكامى بىلەن بىر ئوق – دورا ئىسكىلاتىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ساق – سالامەت ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر