تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مېركېلنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپول» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇردى.

794927
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مېركېلنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ <ئىنتېرپول قاناللىرىنىڭ دۆلىتىمىز تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقى> توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان T-HKPC تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئەردوغان ئاكھانلىنىڭ ئىسپانىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى خاتىرىتىلگەن باياناتتا، بۇ ئىشلارنىڭ مېركېلنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز بېرىشىنىڭمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مىنىستىرلىق، ئەردوغان ئاكھانلىنىڭ ئۈستىدىن 1984 – يىلى ئىككى تەشكىلات ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇل تاھتاقەلئەدىكى بىر چەت ئەل پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جاينىڭ خوجايىنىنى ئۆلتۈرۈش ۋە تەشكىلات نامىدىن قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر