شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

791912
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى تېما قىلغان «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 1967 – يىلى ھىندونېزىيە، مالايسىيا، تايلاند، فىلىپپىن ۋە سىنگاپۇر تەرىپىدىن جاكارتادا قۇرۇلدى. 1984 – يىلى بىرۇنېي ، 1995 – يىلى ۋىيېتنام، 1997 – يىلى لائوس ۋە بىرما، 1999 – يىلى كامبودژا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇل تېشى ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، مالايسىيا، سىنگاپۇر ۋە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 1967 – يىلى 8 – ئاۋغۇستتا باڭكوكتا ئىمزالىغان بەش ماددىلىق بايانات ئارقىلىق قويۇلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نىشانى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئېتنىك، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، قانۇن ۋە ب د ت  پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرىدا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەر، سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەزگىلدە ئورنىنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار تىرىشچانلىقلارغا بوشىتىپ بەردى. 1967 – يىلى ئىمزالانغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى ۋە 1995 – يىلى ئىمزالانغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش ئەھدىنامىسى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قانۇنىي جەھەتتە نوپۇزلۇق بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇردى.

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، رايوننىڭ تەرتىپ – ئىنتىزامى ۋە باياشاتلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە پائال رول ئوينىغان بىر ئورگان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىمۇ رايوننىڭ ئاساسىي ئۇل تاشلىرىنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە، ئاۋسترالىيە، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئاۋسترىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىقلار بۇ جەرياندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىيالوگ شېرىكى بولدى. تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئەمەس، چۈنكى بۇ تەشكىلات رايون سىرتىدىن ئەزا قوبۇل قىلمايدۇ. بىراق، تۈركىيە، 1991 – يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ دائىرىدە ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولۇش نىيىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى 2010 – يىلى 19 – ئىيۇلدىن 23 – ئىيۇلغىچە بولغان جەرياندا ۋىيېتنامدا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ 43 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئىمزالىدى. تۈركىيە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش بىلەن بىرگە، شۇ يىلى تۈركىيەنىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ۋەكىل ئېتىراپ قىلىندى. مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ يېقىن ئۆتمۈشتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ 50 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا بارغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ رەسمىي يوسۇندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولۇش ئۈچۈن، 2015 – يىلى ئىلتىماس سۇندى ۋە بۇ دائىرىدە ئىككى يىل بويىچە قويۇق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. تۈركىيەنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ھەرىكەت پىلانى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولۇش ئۈچۈن، ئىلتىماس سۇنغان باشقا دۆلەتلەرمۇ بار ئىدى. بىراق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بۇ يىل پەقەت تۈركىيەنىڭ ئىلتىماسىنىلا قوبۇل قىلدى.

تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا يۈزلىنىش ۋە ئافرىقا بىلەن شېرىكلىك ئورنىتىش بويىچە مۇھىم سىياسەتلىرى بار. بۇ قەدەملەر بىلەن بىرگە تۈركىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. تۈركىيە يېقىن كېلەچەكتە لائوستا بىر ئەلچىخانا ئاچىدۇ. ئېچىلىدىغان مەزكۇر ئەلچىخانا بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونىدىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە ۋاكالەتچىسى بولغان بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكچىلىكى بىلەن سىياسىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ گۈللىنىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يالغۇز خەلقئارالىق بىر سىياسىي تەشكىلاتلا ئەمەس، ئوخشاشلا ئۇ يېقىنقى يىللاردا كۈچلۈك بىر ئىقتىسادىي تەشىكلاتقا ئايلاندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمى كۈچەيمەكتە ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە بۇ سانلار سۈرئەت بىلەن ئاشىدۇ. ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكچىلىكى تۈرك سودا – سانائەتچىلەرگە رايوندا مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكچىلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى ئىنسانىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللەندرۈلۈشىدۇر؛ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكچىلىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر دېگەندەك ھەر خىل ساھەلەردە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى نۇقتىغا يەتكۈزىدۇ. تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنلىرىغا، باشلىقلار ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنلىرىغا رەسمىي ئىشتىراك قىلىدۇ. 2017 – يىلى دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتى بىلەن بولسىمۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ كۆپ يۆنىلىشلىك، ئالاھىدە ئاكتىپ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم قاناللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر