چاۋۇشئوغلۇ: ئېمبارگولارنى ماقۇللىمايمىز، چۈنكى ئەنقەرەنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولارنى ماقۇللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
788172
![چاۋۇشئوغلۇ: ئېمبارگولارنى ماقۇللىمايمىز، چۈنكى ئەنقەرەنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8bf8/883e/8cc4/595f1b4b58760.jpg?time=1718898366)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ ئەنقەرەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «تۈركىيە ئۆتمۈشتە ئېمبارگولارنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتى. قوشنىلىرىمىزغا ۋە شېرىكلىرىمىز (رۇسىيە) گە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. شۇڭا، ئېمبارگولارنى ئاڭلاپلا ماقۇللىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا قوشۇلمىدۇق ۋە سىياسىي ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تاللىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718898366)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.