تۈركىيە ئارمىيەسى ھۇجۇم تەييارلىقىدىكى تېروررچىلارغا زەربە بەردى
ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 5 نىشان بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھاككارىدا ھەربىي قىسىمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 5 نىشان بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن كەچتە ھاككارىدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھەربىي قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەرھال بەلگىلەنگەن جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
ھەرىكەتتە تېررورچىلارنىڭ قورال – ئەسلىھە، يىمەك - ئىچمەك ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان 4 غار ۋە 1 ئىستىھكام بولۇپ، جەمئىي 5 نىشانى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.
ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن رايوندا باشلانغان ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.