تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئېلان قىلدى.
![تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/548a/adfb/172e/59881cf225048.jpg?time=1718794000)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلغانلىقى ۋە يوشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 150 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، 27 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 31 – ئىيۇلدىن 7 – ئاۋغۇستقىچە بولغان جەرياندا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 1518 ئايرىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ مەزكۇر ھەرىكەتلەردە، دائېشقا چېتىشلىق 74، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 448، سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قارالغان 18 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، 27 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718794000)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718794000)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.